تۈركىيەنىڭ بايرىقى ISESCO دىمۇ لەپىلدىدى

تۈركىيەنىڭ بايرىقى ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (ISESCO) دىمۇ لەپىلدىدى.

674662
تۈركىيەنىڭ بايرىقى ISESCO دىمۇ لەپىلدىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىلاتنىڭ ماراكەشنىڭ پايتەختى راباتتىكى مەركىزىدە تۈركىيەنىڭ بايرىقىنى قاداش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

تۈركىيەنىڭ رابات باش ئەلچىسى ئەتھەم باركان ئۆز بىلەن ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى باش كاتىپى دوكتور ئابدۇلئەزىز ئوسمان تۈركىيە بايرىقىنى چىقارغان مۇراسىمغا، دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن ماراكەشكە بارغان تۈركىيە مائارىپ فوندى جەمئىيىتىنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرىدىن دوكتور مۇستافا گۆكسۇ بىلەن ئەھمەد تۈركبەن قاتارلىقلار ئىشتىراك قىلدى.

تۈركىيە يەكشەنبە كۈنى ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا ئەزا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدە 1981 – يىلى 25 – 28 – يانۋار كۈنلىرى چاقىرىلغان 3 – نۆۋەتلىك ئىسلام ئەللىرى ئالىي دەرىجىلىك رەھبەرلەر يىغىنىدا رەسمىي قۇرۇلغان ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى، ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇتەخەسسىسلەشكەن ئورگانلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تەشكىلاتنىڭ ئىسلام ئەللىرى ئارا مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە ھەمكارلىق ئورنىتىدىغان ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىدىن مۇستەقىل ۋە ئايرىم خامچوتى بار.

ئەزا دۆلەتلەر ئارا دىيالوگنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى يەنە، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، مەدەنىيەت ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن 53 ى ئەزا بولغان ئىسلامىي مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى مائارىپ، بىلىم ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىدىن سىرت يەنە، ھەرقايسى دۆلەتلەردە كۆپ ساندىكى ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇپ، ئىسلامىي ئەسەرلەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ھەسسە قوشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر