ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 56 - يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە

دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 56 - يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە

76384
ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 56 - يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 56 - يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.
دۆلەت ئورۇنلىرى بىلەن ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ پەتھى قىلىنىشىنىڭ 56 - يىللىقى تەبرىكلەنمەكتە.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، فاتىھ جامەسىدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ قەبرىسى زىيارەت قىلىندى.
ئىستانبۇل ۋالىيسى ھۈسەيىن ئاۋنى مۇتلۇ، ئىستانبۇل شەھەر باشلىقى قادىر توپباش، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەلامى ئالتىنوق، 1 - ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابىغا ۋەكالىتەن مايور گېنېرال مەھمەت فارۇق شەنگۈن، فاتىھ ناھىيەسىنىڭ باشلىقى مۇستافا دەمىر قاتارلىقلار فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، گۈل قويدى.
كېيىنچە فاتىھ سۇلتان مەھمەتنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان ئوقۇلدى ۋە دۇئا قىلىندى.
زىيارەتتىن كېيىن ۋەتەنداشلارغا لوقۇم ۋە شەربەت ئىكرام قىلىندى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر