خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىدا قەتلىئامغا ئوخشاش قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىدا كان ئىشچىلىرىنى ئېلىپ كېتىۋاتقان ئاپتوبۇس قاتناش ۋەقەگە ئۇچراپ، 20 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 30 كىشى يارىدار بولدى.

1151181
خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇلىيە ئاپتونوم رايونىدا قەتلىئامغا ئوخشاش قاتناش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي مەركىزىي تېلېۋزىيە ئىستانسىسى «CCTV» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىچكى موڭغۇلىيەنىڭ سىلىن گول رايونى يىنمان كان شىركىتىگە تەۋە خادىملارنى ئېلىپ ماڭغان ئاپتوبۇس كان ساھەسىگە كىرىپلا قاتناش ۋەقەسى تۇغدۇرغان.

ۋەقەدە 15 ئىشچى نەخ مەيداندا ئۆلۈپ، 5 ئىشچى دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغان.

يارىدار بولغان 30 ئىشىچىنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىش ئاستىدا ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر