قاتار سەئۇدى ئەرەبىستاننى دىننى سىياسەت ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

قاتاردىكى دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ھەج ۋە ئۆمرە ئىبادىتىنى سىياسەت ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا قارشى خەلقئارادىكى قانۇنىي ئورگانلارغا مۇراجىئەت قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1149273
قاتار سەئۇدى ئەرەبىستاننى دىننى سىياسەت ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتاردىكى دۆلەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، كومىتېت باشلىقى ئەلى بىن سامىھ ئەلمەررىنىڭ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكلەرگە مەسئۇل كومىسسارى جان فىگېل بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مەررى ئۇچرىشىشتا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ، قاتار پۇقرالىرى بىلەن قاتاردا ۋاقىتلىق ئولتۇراقلاشقان چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەج ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلىش يوللىرىغا بىر قاتار قىيىنچىلىقلارنىڭ تۇغدۇرۇلغانلىقىنى ۋە بۇ جەھەتتە ھېچبىر ئىجابىي قەدەمنىڭ تاشلانمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىننى سىياسەت ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن مەررى، رىياد دائىرىلىرىنىڭ بۇ سىياسەتلىرىگە قارشى يېقىندا ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ب د ت پەن، مائارىپ – مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا مۇراجىئەت قىلىش ئارقىلىق قانۇنىي قەدەملەرنى تاشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «چىقىپ تۇرىدۇكى، ئىبادەت ئەركىنلىكىگە توسقۇنلۇق قىلغۇچى ئىرقچى ئايرىمچىلىقنىڭ بىر تۈرىگە دۇچ كەلدۇق. پارس قولتۇقى ئەللىرى ئارىسىدىكى ئىدېئولوگىيەلىك يارىشىشقا قارىماي، سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى يولغا قويغان سىياسەت، سىياسىي كېلىشمەسلىكلەر پەيدا قىلغان يېڭى بىر ئايرىمىچىلىق تۈرىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى» دېدى.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدىمۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قاتارلىق ھاجى نامزاتلىرىغا قويغان توسۇقلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن ب د ت قارمىقىدىكى ئورۇنلارغا مەكتۇپ يوللىغان مەررى، ھەج مەۋسۇمىنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان بولۇشىغا قارىماي، قاتاردىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا بىۋاسىتە ئايروپىلان قاتنىشىغا قويۇلغان چەكلىمىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىغا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى قۇرۇقلۇق چېگراسىنىڭ تاقاق ئىكەنلىكىگە ۋە ھاجىلارنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقىغا، ھاجىلارنى ئېلېكتىرونلۇق تىزىمغا ئالدۇرۇش ئىشلىرىنىڭمۇ قىلىنمىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.

ئۆتكەن يىلقى ۋەقەدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، قاتار ھاجى نامزاتلىرىنىڭ قاتاردىن باشقا ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ ھاۋا يولى شىركىتىنىڭ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ جىددەدىكى پادىشاھ ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايرودۇرۇمىغا كەلسە بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، مىسىر ۋە بەھرەين دائىرىلىرىنىڭ 2017 – يىلى 5 – ئىيۇندا قاتار بىلەن بارلىق دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى توختىتىشى پارس قولتۇقى رايونىدا كىرىزىس پەيدا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر