ۋېنېزۇئېلاغا يوللانغان ئامېرىكا قوراللىرى تۇتۇلۇپ قالدى

ۋېنېزۇئېلادا ئامېرىكىدىن يوللانغانلىقى ئېنىقلانغان نۇرغۇن ساندا قورال ۋە ئەسلىھەلەر قولغا چۈشۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئېلاغا يوللانغان ئامېرىكا قوراللىرى تۇتۇلۇپ قالدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋېنېزۇئىلا جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ۋالېنكا شەھىرىدىكى ئارتۇرو مېچىلېنا خەلقئارا ئايرودورۇمىنىڭ بىر ئىسكىلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ مىيامى شەھىرىدىن ئەۋەتىلگەن نۇرغۇن ساندا قورال، ئوق دورا قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ۋېنېزۇئىلا مۇئاۋىن جامائەت خەپسىزلىكى مىنىستىرى ئېندېس پالېنكا قولغا چۈشۈرلگەن قورال ياراقلارنىڭ رەسىملىرىنى تىۋىتتېر ھېسابىدىن ھەمبەھرىلەشتى.

ئىسكىلاتتا ئامېرىكىدا ياسالغان 19 مىلتىق، 118 ئوقدان، پوقۇلئاددە تىشىپ ئۆتۈش ئىقىدارىغا ئىگە ئوقلاردىن باشقا يەنە، 90 دانە ئالاقە ئۈسكىنىسى ۋە 6 يانفونى تېپىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

قولغا چۈشۈرۈلگەن قورال ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ 3فېۋرالدا مىيامى شەھىرىدىن كەلگەن بىر ئايروپىلان بىلەن يوللانغانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇئاۋىن مىنىستىر ئېندېس پالېنكا: «ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقان تېررورچى گۇرۇپپىلارغا مەلىيە يارىدىمى قىلغانلارغا قارشى بىخەتەرلىك مەسئۇللىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مەسئۇلىيىتىمىزنى ئاخىرىغىچە بىجانىدىللىق بىلەن ئورۇنلايمىز» دېدى. 

ئېندېس پالېنكا ۋەقە ھەققىدە تەپتىش مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېيتتى. 

كۆپىنچىسى ئۆكتىچىلەردىن تەشكىل تاپقان دۆلەتلىك پارلامېنت باشلىقى يۇەن گۇايدو ئۆكتىچىلەرنىڭ يىغىلىشىدا ئۆزىنى ۋاقىتلىق دۆلەت پىرېدېنتى ئېلان قىلىۋالغان بولۇپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، كولومبىيە، پېرۇ، ئېكۋادور، پاراگۋاي، بېرازىلىيە، چىلى، پاناما، ئارگېنتىنا، كوستا رىكا ۋە گۋاتېمالا قاتارلىق دۆلەتلەر ئۇنىڭ پىرېزىدېنتىلىقىنى ئېتىراپ قىلغان ئىدى.  ئەڭ ئاخىرىدا ياۋروپا پارلامېنتىمۇ ئېتىراپ قىلىش تەرەپكە قەدەم تاشلىغان ئىدى.

تۈركىيە مېكسىكا، رۇسىيە، ئىران، كۇبا، خىتاي ۋە بولىۋىيە بولسا، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو ھۆكۈمىتىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن بولۇپ، مادۇرومۇ يۈز بەرگەن ئىشلاردىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنى ئۇزۇپ تاشلىغانلىقىنى، بىراق ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپمۇ ۋېنېزۇئېلاغا ئەسكەر يوللاشنىڭ تاللاشلاردىن بىرسى سۈپىتىدە كۆرۈلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر