پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا چەكلىمە قويۇلدى

پاكىستاننىڭ چىرىكلىك جىنايىتى بىلەن ئەيىلىنىپ، تەكشۈرۈلىۋاتقان سابىق باش مىنىستىرى يۈسۈف رىزا گىيلانىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى رەسمىي چەكلەندى.

پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشىغا چەكلىمە قويۇلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان مېدىياسىنىڭ خەۋەرلىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، گىيلانى جەنۇبىي كورېيەگە بارماقچى بولغاندا، ئايرودۇرۇمدا ئۇچۇشقا رۇخسەت قىلىنمىدى. 

گىيلانى لاھور ئاللامە ئىقبال ئايرودورۇمىدا ئايرودورۇم ساقچىلىرى تەرىپىدىن توسۇپ قىلىندى.

گىيلانى جەنۇبىي كورېيەدە بىر كونفېرانسقا قاتىشىش ئۈچۈن تايلاند ئارقىلىق ئۇچىدىغان بىر ئايروپىانغا چىقىش ئالدىدا، ئۆز ئىسمىنىڭ چەت ئەلگە چىقىشى چەكلەنگەنلەر تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى بىلدى.

ئۆزىنىڭ چەت ئەلگە چىقىىشغا چەكلىمە قويۇلغانلىقىدىن ئايرودورۇمدا خەۋەر تاپقان گىيلانى، ئاخبارتچىلارغا ئېلان قىلغان باياناتىدا، «پاكىستاندىن قېچىپ كېتىش دېگەدەك نىيىتىم يوق» دېدى.

ئۇ پاكىستاندا 2008يىلىدىن 2012يىلىغىچە باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسى ئۆتىگەن بولۇپ، ئالدىنقى يىلى كاراچىدىكى فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسى گىلانى بىلەن قوشقاندا جەمئىي 25 كىشى ھەققىدە، ۋەزىپىسىنى چېرىكلىك ئۈچۈن سۇيىئىستېمال قىلىش ۋە ساختا ھېسابلارغا پول يۆتكەش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەپ دېلو تۇرغۇزغان ئىدى.

گىيلانى پاكىستان خەلق پارتىيەسىگە مەنسۇپ بولۇپ، پارتىيە رەھبىرى بىلاۋال بۇتتۇ، زەردارى بىلەن دادىسى، سابىق پىرېزىدېنت ئاسفى ئەلى زەردارىمۇ شۇ دېلو دائىرىسىدە چىرىكلىك بىلەن ئەيىبلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر