ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ئائىت ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ شىمالىدىكى ھاماسقا تەۋە بىر رايوننى بومباردىمان قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شاھىتلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بەيت لەھيەنىڭ غەربىدىكى ھاماسنىڭ سىياسىي قانىتى ئىززەددىن ئەلقاسسام ئەترەتلىرىگە ئائىت ئاشقېلون رايوننى بومباردىمان قىلغان، بومباردىمان نەتىجىسىدە رايوندا ئېغىر ماددىي زىيان كېلىپ چىققان.

پەلەستىن دائىرىلىرى ھاۋا ھۇجۇمىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى  ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تۈنۈگۈن چېگرا رايونىدىكى ئەسكەرلەرنىڭ غەززەدىكى مەرگەنلەرنىڭ ھۇجۇم غا ئۇچرىغانلىقىنى، ھۇجۇمدا بىر ئەسكەرنىڭ يېنىك يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى. ۋەقەدىن كېيىن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەگە تانكىلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلغان، ھۇجۇمدا بىر پەلەستىنلىك شېھىت بولغان، 1 ى ئېغىر، 4 پەلەستىنلىك يارىلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر