نىگېرىيەدە بەزگەك كېسىلى تۈپەيلى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

نىگېرىيە ھۆكۈمىتى، ھايۋانلاردىن ئىنسانلارغا يۇقىدىغان ئۆلۈم بىلەن ئاخىرلىشىش ئېھتىمالى بار «لاسسا» ئىسىملىك بەزگەك كېسىلى سەۋەبىدىن دۆلەت مىقياسىدا «جىددىي ھالەت» ئېلان قىلدى.

1131449
نىگېرىيەدە بەزگەك كېسىلى تۈپەيلى جىددىي ھالەت ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نىگېرىيە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى دىكتورى چىكۋې ئخېكۋېئازو بايانات بېرىپ، دۆلەتتە لاسسا بىمارلىرى سانى كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن «جىددىي ھالەت ئېلان قىلغانلىقى»نى ۋە يۇقۇملۇق كېسەللىككە تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۆتكەن يىلى نىگېرىيەدىكى 23 ئۆلكىدە 3229 كىشىدە مەزكۇر كېسەللىكنىڭ بايقالغانلىقىنى، بۇلارنىڭ 146 سىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن چىكۋې، «يانۋار ئېيىدىن بۇيان 8 ئۆلكىدە 60 كىشىدە بەزگەك كېسىلى بايقالدى ۋە كېسەللىك بارغانچە كېڭەيمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇ باكتېرىيەنىڭ ئاپرېل ئېيىغىچە داۋاملىشىش ئېھتىمالى بارلىقىنى تەكىتلەپ، خەلقنى تازىلىققا دىققەت قىلىش، چاشقان ۋە چىشلىق ھايۋانلارغا يېقىنلاشماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى.

چاشقان مايىقى ئارقىلىق يۇقىدىغان بەزگەك كېسىلى، ئىنساندىن ئىنسانغىمۇ ئۆتىدىغان بولۇپ، ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر