ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ غەرىزىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى

ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ ئىراننى ئاجىزلىتىش مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

1131577
ھەسەن رۇھانى ئامېرىكانىڭ غەرىزىگە يېتەلمىگەنلىكىنى ئېيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈپ كېلىشىنىڭ ئەكسىچە مەقسىتىگە يېتەلمىگەنلىكىنى، ۋاشىنگىتون ھاكىمىيىتىنىڭمۇ بۇنى تەن ئالغانلىقىنى ئېيتتى.

رۇھانى پايتەخت تېھراندا چاقىرىلغان مىنىستىرلار كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن سۆز قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ئېمبارگولىرى ئۈستىدە توختالدى.

ئامېرىكانىڭ نېفىت ئېكسپورتى ۋە بانكىچىلىق قاتارلىق ئىشلاردا ئىرانغا بېسىم قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى:  بىز نېفىتلىرىمىزنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل يوللارنى سىناپ كېلىۋاتىمىز، ئامېرىكانىڭ ئېمبارگولىرى بىزگە توسالغۇ بولالمايدۇ، ئامېرىكا مەقسىتىگە يېتەلمىدى، ئۇلار ئېمبارگولار ئارقىلىق بىزگە تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقىنى تەن ئالدى، دېدى.

پىرېزىدېنت ھەسەن رۇھانى، ئامېرىكانىڭ ئىران خەلقىگە بېسىم پەيدا قىلىش غەرىزىدە «زالىملارچە ۋە قانۇنسىز ھالدا ئېمبارگو»قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بانكىچىلىق ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئېمبارگولارنى پاسسىپ ھالغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئىران ئىنقىلابىدىن بۇيان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنىڭ 2 ھەسسە ئاشقانلىقىنى ئېيتقان رۇھانى، مۇنۇلارنى دېدى: «دۆلىتىمىزدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز زاپىلىرى مول، ئىراننى خەلقئارا ئېنېرگىيە بازىرىدىن سىقىپ چىقىرىش مۇمكىن ئەمەس.»

ھەسەن رۇھانى، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا ئېغىر زەربە بېرىپ كېلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر