ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

سۈرىيەدىكى ئەسەد ھۆكۈمىتى ۋە ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى تېررورچى گۇرۇپپىلار «ئىدلىپ يېرىكچىلىكىنى تۆۋەنلىتىش رايونى» دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋە سوچى كېلىشىمى دائىرىسىدە ئېغىر قوراللاردىن پاكلانغان رايوندىكى ئۇلتۇراق رايونغا ھۇجۇم قىلدى.

ئەسەد قىسىملىرى ئىدلىبقا ھۇجۇم قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يەرلىك مەنبەلەردىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئىدلىبنىڭ جەنۇبىدىكى خان شەيخۇن ناھىسىيەسى ئەتراپى، جەرجەناز ناھىيەسى ۋە يۇنائىييە يېزىسىغا ھەمدە ھامانىڭ شىمالىدىكى لاتامنە، كەفەر زىتا ناھيەلىرى بىلەن ئەل ئاربىن ۋە تەل ساھىر يېزىلىرىغا كېچىدە ھۇجۇم قىلىنغان.

ئاممىۋى مۇداپىئە ئەترەتلىرى (ئاق تاسمىلىقلار) تېخىچە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ۋەقەلىرىگە ئالاقىدار مەلۇمات كەلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تورى ئالدىنقى ئاي ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، ئىدلىبتە ئەسەد قىسىملىرىنىڭ سوچى كېلىشىمى ئىمزالانغان 2018يىلى 17سىنتەبىردىن 2018يىلى 24دېكابىرغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ھۇجۇملىرىدا 6 ئايال، 22 كىچىك بالا ۋە 45 پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى. 

ئەسەد قىسىملىرى ھۇجۇملىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان پەيتتە، ھەربىي ئۆكىچىلەر كېلىشىمگە بىنائەن بەلگىلەنلگەن رايونلاردىن 2018يىل 10 - ئۆكەبىردە ئېغىر تىپلىق قوراللىرىنى چېكىندۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر