رۇسىيەدە ئايروپىلان ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى

رۇسىيەنىڭ سۇرگۇت شەھىرىدىن موسكۋاغا كېتىپ بارغان بىر ئايروپىلان قوراللىق بىر كىشىنىڭ ئايروپىلاننى ئېلىپ قېچىشقا ئۇرۇنۇشى سەۋەبىدىن جىددىي قوندى.

رۇسىيەدە ئايروپىلان ئېلىپ قېچىش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بىر قوراللىق يولۇچى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 14:55 ئۆتكەندە ئۇچۇپ، سۇرگۇتتىن موسكۋاغا كېتىپ بارغان «Aeroflot» شىركىتىگە تەۋە «SU1515» تىپلىق ئايروپىلاننىڭ ئافغانىستانغا بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئەسلىدە موسكۋادىكى شەرەمېتيېۋو ئايرودورۇمىغا قۇنۇشى كېرەكلىك ئايروپىلاننىڭ سىبىرىيە رايونىغا جىددى قونغانلىقى ئېلان قىلىندى.

«REN» تېلېۋىزىيەسى بوئېڭ 737 تىپلىق ئايروپىلاندا 69 يولۇچى ۋە 7 خادىمنىڭ بارلىقىنى خەۋەر قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللار تېخىچە بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلان قىلمىدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر