لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

لىۋىيەنىڭ پايتەختى ترابلۇستا چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.

1130517
لىۋىيەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترابلۇستىكى بىر مېھمانخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، پايتەختتىكى ۋە تەرخۇنە شەھىرىدىكى قەبىلە رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم زاتلارنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن كېلىشىم ئىمزالاشقانلىقى ئېلان قىلىندى.

ھەر قايسى تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىم؛ قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ مەۋجۇت جايلىرىدىن 15 كېلومېتىر ئارقىغا چېكىنىشىنى، ئۆزئارا ئەسىر ۋە مېيىت ئالماشتۇرۇشنى، قاتناش يوللىرنىڭ ئېچىلىشى، توساقلارنىڭ ئېلىپ تاشلىنىشى ۋە ئېغىر تىپلىق قوراللارنىڭ مەركىزىي قوماندانلىق بازىلىرىغا يۆتكىلىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كېلىشىمنىڭ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىغان ۋاقتىغا دائىر مەلۇمات بېرىلمىدى.

ترابلۇستا 4 ئايلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئاخىرلاشتۇرغان توقۇنۇشلار، ئالدىنقى چارشەنبە كۈنى دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تىرابلۇس مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئىلگىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىنغان تەرخۇنە 7ھەربى ئەترىتىنى شەھەرنىڭ ھەربىي دائىرىسىدىن چېكىنمەسلىك بىلەن ئەيبىلشىدىن كېيىن، يەنە باشلىنىپ كەتكەن ئىدى.

توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن 15 كىشى ئۆلۈپ، كىچىك بالا ۋە ئايالارنىمۇ قوشقاندا، جەمئىي 47 كىشى يارىدار بولغان ئىدى.

تەرخۇنە 7ھەربى ئەترىتى ئەسكەرلىرى ئاساسەن دېگۈدەك تەرخۇنە شەھىرىكى ئەل كانى جەمەتى ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ترابلۇس مۇداپىئە قىسىملىرى بولسا، دۆلەتلىك بىرلەشمە ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق تىرابلۇس ئىنقىلابچىلىرى بىلەن نۇۋاسى قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر