رىيادنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى باڭلادېشقا يولغا سېلىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 250 ئاراكانلىق مۇسۇلماننى باڭلادېشقا يولغا سېلىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1130068
رىيادنىڭ ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنى باڭلادېشقا يولغا سېلىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەلجەزىرە قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەركىن روھىڭيا ئىتتىپاقىنىڭ سەپەرۋەرلىك ئىشلىرى كوردىناتورى ناي سان لۋىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 250 ئاراكانلىق مۇسۇلمان ئەرنى باڭلادېشقا يولغا سېلىۋېتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ۋاقىتلىق ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە ئىشارەت قىلغان ناي سان لۋىن، يەنە بىر تەرەپتىن، جىددە شەھىرىدىكى شۇماسى مەركىزىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلارغا جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىنىۋانلىقىنى بىلدۈردى.

ناي سان لۋىن، بۇ كىشىلەر باڭلادېشقا يولغا سېلىۋېتىلگەن تەقدىردە، تۈرمىگە سولىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارنى بۇ پىلاندىن ۋاز كېچىشكە چاقىردى.

ئۇ، تۈنۈگۈن جىددە ئايرودۇرۇمىغا ئېلىپ مېڭىش ئالدىدىكى ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سىن كۆرۈنۈشلىرىنىمۇ ئورتاقلاشتى.

سەئۇدى ئەرەبىستان، 2011 – يىلىدىن كېيىن ئەرەبىستانغا كەلگەن ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا ئىقامەت بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويغانىدى.

ئەركىن روھىڭيا ئىتتىپاقىنىڭ سەپەرۋەرلىك ئىشلىرى كوردىناتورى ناي سان لۋىن، كۆپ ساندا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ يېقىنقى 2 يىلنىڭ مابەينىدە سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارغا، ئاراكانلىقلارغا ئىقامەت بېرىش توغرىسىدا چاقىرىق قىلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇ مەسىلە توغرىسىدا سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017 – يىلى 25 – ئاۋغۇستتىن كېيىن ئاراكاندىكى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قېچىپ باڭلادېشقا كەلگەنلەر سانى 725 مىڭغا يەتكەن.

ب د ت  ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارغا يۈرگۈزۈلگەن زوراۋانلىققا «ئىرقىي تازىلاش» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ باھا بەرمەكتە.

 كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاراكانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ زۆرۈر بولغان بىخەتەر مۇھىت يارىتىلماي تۇرۇپ بىرماغا ئەۋەتىۋېتىلىشىنىڭ يېڭى بىر ئېتنىك تازىلاش دولقۇنىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلىشماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر