لوگار ۋالىيسى تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئافغانىستاندا لوگار ۋالىيسى مۇھەممەد ئەنۋەر ئىسھاقزەينىڭ ئاپتوموبىللىرى بومبىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 8 نەپەر مۇھاپىزەتچى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

لوگار ۋالىيسى تالىباننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: لوگار ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى باياناتچىسى شاپۇر ئەھمەدزەي مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھۇجۇمچىنىڭ ئاپتوموبىل بومبا بىلەن سافىد ساڭ رايونىدا كابۇلدىن لوگارغا كېتىۋاتقان ۋالىي ئىسھاقزەينىڭ ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى، ھۇجۇمدىن ۋالىينىڭ ساق – سالامەت قۇتۇلغانلىقىنى، بىراق 8 مۇھاپىزەتچىسىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 10 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تالىبان ئۈستىگە ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر