كەركۈكتە دائېشنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى ئەمەلدارى ئافراسياۋ كامىل، كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى قاراتەپە يېزىسىدىن كەلگەن مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كەركۈكتە دائېشنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 4 كىشى نازارەتكە ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق ساقچىلىرى، كەركۈك شەھىرىنىڭ جەنۇبىدىكى قاراتەپە يېزىسىدا زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، رايوندىكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى توغرىسىدا دائېش تېررورلۇق تەشكىلاتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئېنىقلانغان 4 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالدى.

كەركۈك ساقچى ئىدارىسى مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى ئەمەلدارى ئافراسياۋ كامىل، كەركۈكنىڭ جەنۇبىدىكى قاراتەپە يېزىسىدىن كەلگەن مەلۇم قىلىش ئۇچۇرىنى مۇھاكىمە قىلغان ساقچىلارنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، رايوننىڭ خەۋپسىزلىكىنى ساقلاۋاتقان كۈچلەر توغرىسىدا دائېشنى مەلۇمات بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن 4 كىشىنى نازارەت ئاستىغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ رايوندا كەڭ دائىرىلىك تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن كامىل، كەركۈكنىڭ جەنۇبىدا ھازىرمۇ دائېش ئەزالىرىنىڭ بارلىقىنى ۋە پات – پات ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر