ماكرون: فىرانسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون دۆلىتىنىڭ بۇ يىل سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ماكرون: فىرانسىيە سۈرىيەدىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماكرون فىرانسىيەنىڭ تولوسې شەھىرىدىكى ھاۋا ئارمىيەسى بازىسىدا ئەسكەرلەرگە خىتاب قىلغاندا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشىنىڭ فىرانسىيەنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش قارشى  كۈرەش قىلىىغا توسالغۇ بولماسلىقى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «فىرانسىيە 2019 – يىلى سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»

ئۇ ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك نىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى مۇنبىچتا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر