مايك پېنس: سۈرىيەدىن چېكىنىمىز، بىراق...

مايك پېنس تۈنۈگۈن مۇنبىچتا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن بەرگەن تۇنجى باياناتىدا، ۋەقەنى تىلغا ئالماستىن، «ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىمىز، دائېش يېڭىلدى» دېدى.

1127412
مايك پېنس: سۈرىيەدىن چېكىنىمىز، بىراق...

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس، سۈرىيەدىن چېكىنىدىغانلىقلىرىنى، بىراق، دائېشنىڭ كۆرۈمسىز چىرايىنى قايتا كۆرسەتمەيدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن، كۈرەشنىڭ ئىچىدە تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

مايك پېنس تۈنۈگۈن مۇنبىچتا مەيدانغا كەلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن بەرگەن تۇنجى باياناتىدا، ۋەقەنى تىلغا ئالماستىن، «ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىمىز، دائېش يېڭىلدى» دېدى.

ئۇ، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدە دائېشقا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشى توغرىسىدا توختالدى؛ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئىشغالى ئاستىدىكى مۇنبىچتا مەيدانغا كەلگەن بومبىلىق ھۇجۇمدىن كېيىن ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارغا خىتاب قىلغان پېنس، سۆزىدە ھۇجۇمنى بىۋاسىتە تىلغا ئالماستىن، «ئەسكەرلىرىمىزنى قايتۇرۇپ كېلىمىز، دائېش يېڭىلدى. بىراق دائېشنىڭ كۆرۈمسىز يۈزىنى قايتىدىن كۆرسەتمەيدىغانلىقىدىن خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن رايوندا تۇرىمىز. ئەسكەرلىرىمىزنىڭ ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ غەلىبىنى مۇھاپىزەت قىلىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

تۈنۈگۈن مۇنبىچتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەسنادا پارتلاش يۈز بەرگەن؛ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دائېشقا قارشى خەلقئارا ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ باياناتچىسى پولكوۋنىك سېيان ريان، جاۋابكارلىقىنى دائېش ئۈستىگە ئالغان ھۇجۇمدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر