ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي كۆرۈشتى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ئەنگلىيەدە زىيارەتتە بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې پۈتكۈل دۇنيانىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا باش ۋەزىر تېرېسا مېي بىلەن كۆرۈشكەن ئابې، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسى ئۈستىدە توختالدى.

ئابې مۇنداق دېدى: «ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىپ چىقىشتىن ساقىلىنىشىنى تىلەيمەن، بۇ پۈتكۈل دۇنيانىڭمۇ ئىستىكى، دۇنيا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتىدۇ.»

ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش توغرىسىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان مۇزاكىرىلەردە ئىلگىرىلەش ھاسىل بولۇشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئېيتقان ئابې، ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيەنىڭمۇ ھەم سىياسىي ھەمدە ئىقتىسادىي ساھەدە كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنى بىلدۈردى.

«ئەنگلىيە ياپونىيەگە نىسبەتەن ياۋروپاغا ئېچىلغان ئىشىكتۇر»دېگەن ئابې، ئەنگلىيەدىكى 1000 ياپونىيە شىركىتىنىڭ 150 مىڭ كىشىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېيمۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشنىڭ يېگانە يولىنىڭ، مۇناسىۋەتلىك قانۇن لايىھەسىنىڭ ئەنگلىيە پارلامېنتىدا ماقۇللىنىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنىڭ ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان مېي، نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغان «تەدبىر ماددىسى» توغرۇلۇق ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە پارلامېنتى ھۆكۈمەت بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمنى 15-يانۋاردا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللايدۇ.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر