ئارگېنتىنادا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئارگېنتىنانىڭ بىر نەچچە شەھىرىدە سۇ، توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

ئارگېنتىنادا ھۆكۈمەتكە قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئارگېنتىنادا مىڭلارچە ئادەم سۇ، توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن «مەشئەل يۈرۈشى»ئۆتكۈزدى.

پايتەخت بۇئېنۇس ئايرېستا ئىشچى ۋە ئوقۇتقۇچى ئۇيۇشمىلىرىدىن سىرت سىياسىي پارتىيە ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلارغا چاقىرىقىغا ئاساسەن مىڭلارچە ئادەم سۇ، توك ۋە تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ماي كوچىسىغا يىغىلغان كىشىلەر «باھانىڭ ئۆستۈرۈلۈشىگە قەتئىي قارىشىمىز»دېگەن شوئارنى توۋلاپ، دۆلەتلىك مەجلىس بىناسىغىچە يۈرۈش قىلدى. بۇ كىشىلەر پىرېزىدېنت ماۋرىكىيو ماكرى ۋە ئۇنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى شوئار توۋلاشتى، بەزى نامايىشچىلار مەشئەل كۆتۈرۈۋالدى.

66 ئاممىۋى تەشكىلات تەرىپىدىن پىرېزىدېنت ماكرىغا قارشى تەييارلانغان خىتابنامىدە، پىرېزىدېنت ماكرى ئىشچىلارنىڭ نامراتلىشىپ كېتىشى ۋە مىڭلارچە كىچىك ۋە ئوتتۇرا تىپلىق كارخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەبچى بولۇش بىلەن ئەيىبلەندى.

خىتابنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلدى: «بۈگۈن بۇئېنۇس ئايرېس، كوردوبا ۋە كومودورو رىۋاداۋىيا قاتارلىق شەھەرلەردە پىرېزىدېنت ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدۇق، ئوخشاشلا باشقا شەھەرلەردىكىلەرنىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز.»

نامايىشلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن كوچا قاتناشقا توسۇلۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن قاتناش پالەچ ھالغا چۈشۈپ قالدى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، 7- فېۋرالغىچە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى ئارگېنتىنادا ئۆتكەن ئاي 13 مىليوندىن ئارتۇم ئادەم ياشايدىغان بۇئېنۇس ئايرېس شەھىرىدە 2019-يىلى توك باھاسىنىڭ %55، سۇ باھاسىنىڭ %38، تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ %35 ۋە ئاممىۋى قاتناش ۋاستىلىرى ھەققىنىڭ %40 ئۆستۈرۈلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغانىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر