ئامېرىكا سۈرىيەدىن بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۈرىيەدىكى بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قايتۇرپ كېتىشكە باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكا سۈرىيەدىن بىر قىسىم ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى قايتۇرۇپ كېتىشكە باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ئەمەلدارى، ھەربىي ھەرىكەت ئەندىشىلىرى سەۋەبىدىن قايتۇرۇپ كېتىلىشكە باشلىغان ھەربىي ئەسلىھەلەرنىڭ تۈرى ۋە ئورنى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى.

ئامېرىكىنىڭ «‹ CNN › تېلېۋىزىيە قانىلى» بولسا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي قومانانلىق ئىشتابىنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلەرنى قايتۇرۇپ كېتىشتە ئىشلىتىلىدىغان پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارنىڭ بەلگىلەپ چىقىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2018 – يىلى 19 – دېكابىر كۈنىدىكى قارارىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سۈرىيەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈش باسقۇچى باشلانغانىدى. ترامپنىڭ بۇ قارارى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جەيمس ماتتىسنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىگە سەۋەب بولغانىدى.

ماتتىس 1 – يانۋار كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشتىن بىرقانچە كۈن بۇرۇن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە چېكىنىش توغرۇلۇق بۇيرۇق چۈشۈرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر