ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان بىلەن قاتتىق تۇقۇنۇش يۈز بەردى

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان قۇراللىقىرىنىڭ قوغدۇغۇچىلار پونكىتىغا قىلغان ھۇجىمىدا 6 قوغدىغۇچى ئۆلتۈرۈلدى.

ئافغانىستاننىڭ شىمالىدا تالىبان بىلەن قاتتىق تۇقۇنۇش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇزدان ۋىلايىتىنىڭ فايزئاباد ناھىيەسى ھاكىمى ئەلىف شاھ ئاتائىي مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ گۆگەلداش يېزىسى قوغدىغۇچىلار فونكۈتىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەلىف شاھ ئاتائىي ھۇجۇمدىن كېيىن يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا ھەر ئىككى تەرەپتىن ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى.

قوغدىغۇچىلار قوماندانى ئاللاھ بەرەن كاريامۇ تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ ھۇجۇمىدا 6 قوغدىغۇچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ياردەمچى قىسىمنىڭ رايونغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن تالىبان قوراللىقلىرىنىڭ چېكىندۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

تالىبان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بولسا، ھۇجۇمدا 8 قوغدۇغۇچىنى ئۆلتۈرگەنلىكلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر