رۇسىيە « BBC » نى دائېشنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

رۇسىيە ھۆكۈمىتى « BBC » نىڭ رۇسىيە شۆبىسىدىن دائېشنىڭ تەشۋىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەرنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە « BBC » نى دائېشنى قوللاش بىلەن ئەيىبلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئەنگلىيەدىكى چوڭ تاراتقۇ ئورگىنى « BBC » نىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنى قوللاپ پىروگرامما تارقاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رۇسىيە فېدراتىپ ئۇچۇر-ئالاقە  تېخنولوگىيە ۋە ئاممىۋى ئۇچۇرلىشىش نازارەت ئىدارىسى بۇ ھەقتە بايانات ئېلىپ قىلىپ ، رۇسىيەدىمۇ تارقىتىش ئېلىپ بارىدىغان « BBC » نىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەكشۈرۈش خىزمىتىدە « BBC »نىڭ ئارخىپلىرىدا خەلقئارا تېررورلۇق تەشكلاتلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيەسىنى  تارقاتقان خەۋەرلەرنىڭ تېپىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن باياناتتا، خەۋەرلەرگە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش كاتتىبېشى ئەل باغدادىنىڭ سۆزلىرىنىڭ نەقىل قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

« BBC » رۇسىيە شۆبەسىنىڭ 16-يانۋارغىچە مېدىيا قانۇنىغا رىئايە قىلغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان  ماتېرىياللارنى «روسكومنادزور»غا تاپشۇرۇشى كېرەكلىكى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، « BBC » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ پىروگراممىلىرىنىڭمۇ ئىزچىل نازارەت قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا « BBC » تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 14-يانۋاردىن 31-يانۋارغىچە  كەڭ كۆلەملىك تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.  


خەتكۈچ: BBC , رۇسىيە , دائېش

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر