پاراگاۋاي ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

پاراگۋاي ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پاراگاۋاي ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاراگۋاي پىرېزىدېنتى مارىيو ئابدول بېنىتېز دۆلىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پىرېزىدېنت بېنىتېز مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا پاراگۋاي دۆلىتىنىڭ ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونى پىرېزىدېنت سۈپىتدە ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېنىتېز ۋېنېزۇئېلادىكى بارلىق پاراگۋايلىق دىپلوماتلارنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا پاراگۋايدىكى ۋېنېزۇئېلالىق دىپلوماتلارنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئارگېنتا پىرېزىدېنتى ماۋرىكىيو ماكرىمۇ تۋىتتېر ئادرېسىدا مەنسەبدېشى نىكولاس مادۇرونىڭ ھېيلە-مىكىر ئىشلىتىپ پىرېزىدېنت بولىۋالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مادۇرونىڭ پىرېزىدېتلىقىنىڭ خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قىتئەسىدىكى 14 دۆلەتتىن تەشكىل تاپقان لىما گۇرۇھىنىڭ مېكسىكادىن باشقا ئەزالىرى، ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرونىڭ يېڭى ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، مادۇرونى پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى قايتا باشلىماسلىققا چاقىرغانىدى.

ۋېنېزۇئېلادا بۇلتۇر 20-مايدا ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا %68 ئاۋازغا ئېرىشىپ ۋېنېزۇئېلانىنى 2025-يىلغىچە باشقۇرۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان مادۇرو، پايتەخت كاراكاستىكى ئالىي سوت مەھكىمىسىدە بۈگۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر