بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى ئونمىڭلارچە ئادەمنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى

غەربىي ئافرىقاغا جايلاشقان نىگېرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن ئونمىڭلارچە ئادەم يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قالدى.

بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى ئونمىڭلارچە ئادەمنى يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پىروگراممىسىنىڭ نىگېرىيە كوردىناتورى ئېدۋارد كاللون يېقىنقى مەزگىللەردە بورنو ئىشتاتىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئىككى ھەربىي بازىنى قولغا كىرگۈزۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «يېقىنقى مەزگىللەردە بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بوكو ھارام تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم لاگېرلارغا ئورۇنلاشتى» دېدى.

ئۇ لاگېرلارغا كەلگەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، پاكىزە سۇ ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

نىگېرىيەدە 2000-يىللارنىڭ بېشىدىن تارتىپ باش كۆتۈرگەن تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارامنىڭ 2009-يىلدىن بۇيان پەيدا قىلغان كەڭ كۆلەملىك زوراۋانلىق ۋەقەلىرى، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

تېررورلۇق تەشكىلاتى بوكو ھارام 2015-يىلدىن تارتىپ نىگېرىيەنىڭ قوشنا دۆلەتلىرى بولغان چاد، كامېرون ۋە نىگېر قاتارلىق دۆلەتلەردە ھۇجۇم ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتقان بولۇپ، چاد كۆلى ئويمانلىقىدا يۈز بەرگەن ھۇجۇملاردا 2 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر