ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا ئالاقىدار قارارنامە ماقۇللاندى

ئەنگلىيەدە پارلامېنت دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم رەت قىلىنغان تەقدىردە «ب پىلانى» نىڭ 3 كۈن ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇلۇشىغا ئالاقىدار قارارنامىنى قوبۇل قىلدى.

ئەنگلىيەدە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشقا ئالاقىدار قارارنامە ماقۇللاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئىتتىپاقتىن چېكىنىش توغرۇلۇق ھاسىل قىلغان كېلىشىم كېلەر ھەپتە پارلامېنتتا رەت قىلىنغان تەقدىردە، ھۆكۈمەتنىڭ يولغا قويىدىغان پىلانىنى پارلامېنتقا بىلدۈرۈشى ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىلىشى مەزمۇن قىلىنغان تەكلىپ 297 گە قارشى 308 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىندى.

سىياسىي كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قارارنامە ئارقىلىق لوندون ھۆكۈمىتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش باسقۇچىدىكى ھەرىكەت دائىرىسى زور كۆلەمدە تارايغان.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسا مېي پارلامېنتتا ھەپتىلىك «باش ۋەزىردىن سوئال سوراش» ئولتۇرۇشىدا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.

مېي، بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئەنگلىيە دائىرىلىرىنىڭ دۆلەتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش مۇددىتىنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىپ قىلىۋاتمىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، ئەنگلىيەنىڭ 29 – مارت كۈنى ئەنگلىيەدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشى نىشان قىلىنغان كېلىشىم 15 – يانۋار كۈنى پارلامېنتتا ئاۋازغا قويۇلىدىكەن. ئىچكى كابېنت ئەزالىرىنىڭ ئىچىدە ئۆزىنى قوللايدىغانلارنىڭ سانى ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن، مېينىڭ بۇ ئاۋازغا قويۇشتا مەغلۇب بولۇشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.

ئەنگلىيە 2016 – يىلى 23 – ئىيۇن كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفېراندۇمدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى قارارلاشتۇرغانىدى.

«لىزبون ئەھدىنامىسى» نىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش باسقۇچىغا ئالاقىدار 50 – ماددىسىغا ئاساسەن، ئەنگلىيەگە بېرىلگەن 2 يىللىق مۆھلەت 29 – مارت كۈنى توشىدىكەن، بۇ مۇددەت توشقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن رەسمىي ئايرىلغان بولىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر