«تۈركىيە بىلەن رۇسىيە قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى»

رۇسىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي رىيابكوۋ رۇسىيە بىلەن تۈركىيەنىڭ ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئكتكەنلىكىنى ئېيتتى.

1123250
«تۈركىيە بىلەن رۇسىيە قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹رىئا› خەۋەر ئاگېنتلىقى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىيابكوۋ ھىندىستاندا ئىشتىراك قىلغان بىر مۇنبەر يىغىنىدا، رۇسىيە – تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۆتكەنلىكىنى، جۈملىدىن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىلگىرى يۈز بەرگەن كىرىزىس ۋە بۇنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى مۇناسىۋەتلەرگە تەسىر يەتكۈزمىگەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: «بارلىق قىيىن ئۆتكەللەردىن مۇۋەپپەقىيەتلىك  ھالدا ئۆتتۇق، تارىخىمىزدا مۇشەققەتلىك سەھىپىلەر بار، خۇددى رۇسىيە – ئىران ئوتتۇرىسىدا بولغىنىدەك، لېكىن، نۆۋەتتە ئالدىمىزدا ئىجابىي كۈنتەرتىپىمىز بار.»

ئۇ يەنە، تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئېنېرگىيە  ساھەلىرىدە قارادېڭىزدا ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر