گىرېتسىيەنىڭ «SKAI» تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

گىرېتسىيەنىڭ «SKAI» تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسىغا قىلىنغان سائەتلىك بومبا ھۇجۇمىدا بىنا ماددىي زىيانغا ئۇچرىدى.

1108130
گىرېتسىيەنىڭ «SKAI» تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

 

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋەقەدىن 45 مىنۇت ئىلگىرى باشقا بىر تېلېۋىزىيە قانىل ۋە خەۋەر بېتىگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر يوللانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئۇچۇرغا بىنائەن ھەرىكەتكە ئۆتكەن گىرېتسىيە ساقچىلىرى «SKAI» تېلېۋىزىيە قانىلى بىناسىنى بوشاتتى.

بىنانىڭ ئالدىدىكى پوسىدونوس كوچىسىنى قاتناشتىن توختىتىپ، رايوننى بىخەتەرلىك چەمبىرىگە ئالدى.

پارتلاش ئەتراپتا ۋاقىتلىق ئەندىشە ياراتتى. ۋەقەدە ئادەم ئۆلۈش ياكى يارىدار بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلمىدى.

گىرېتسىيەدە رادىكال سولچىلارنىڭ پات - پات ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىنى تۇغدۇرۇپ تۇرىدىغانلىقى مەلۇم. 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر