ئاقساراي ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

ئاقساراي ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

ئاقساراي ئەردوغان بىلەن ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاقساراي باياناتچىسى ساراھ ساندېرس، تۈنۈگۈنكى جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ تېلېفون سۆھبىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، مۇنداق دېدى: «تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى رەھبەر، تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىلىرى ۋە تېررورىزمغا قارشى  كۈرەش قاتارلىق ئىككى تەرەپ ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەردوغان بىلەن ترامپ، سۈرىيەدە ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش نىشانلىرىغا يېتىشى ئۈچۈن داۋاملىق ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرۇلۇق بىردەكلىك ھاسىل قىلدى.»

جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە بېرىلگەن مەلۇماتلاردا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ پىرېزىدېنت ترامپقا، تۈركىيەنىڭ بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك|پ ي د|ي پ گ مەسىلىسى تۈپەيلى ئوتتۇرىغا چىققان يوللۇق خەۋپسىزلىك ئەندىشەلىرىنى يەتكۈزگەنلىكى، ئىككى رەھبەرنىڭ، سۈرىيە مەسىلىسىدە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىش  توغرۇلۇق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقى ئەسكەرتىلەگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر