ئەردوغان ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاماس سىياسىي بىيورۇسىنىڭ رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

1107373
ئەردوغان ھەنىييە بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ھاماس رەھبىرى ئىسمائىل ھەنىييەگە تېلېفون قىلىپ، ئاكىسى خالىد ھەنىييەنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە بىلدۈرگەن، ھەمدە غەززەنىڭ شەيخ رىزۋان مەھەللىسىدە ۋاپات بولغان خالىد ھەنىييەگە ئاللاھ تائالادىن رەھمەت تىلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ كۆڭلىنىڭ ئىنتايىن يېرىم بولغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر