سۈرىيەدە ي پ گ/ پ ك ك غا قايتۇرما زەربە بېرىلدى

سۈرىيەدە بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ئۇنسۇرلىرىغا قايتۇرما زەربە بېرىلدى.

1107379
سۈرىيەدە ي پ گ/ پ ك ك غا قايتۇرما زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى  ي پ گ/پ ك ك ئۇنسۇرلىرى تۈركىيە چېگراسىدىن 19 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى سۈرىيەنىڭ ھەلەب ۋىلايىتىگە قاراشلىق مارە ناھىيەسىدە  «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى لىنىيەلىرىگە ئېغىر تىپلىق قورال – ياراغلار بىلەن ھۇجۇم قىلغان. مارە ناھىيەسى ئەتراپىغا جايلاشقان خاربىل، ئىمخۇش ۋە شەيخ ئىسا رايونلىرىدىن باشلاپ، پات - پات پۇقراۋى مەھەللىلەرگە ھۇجۇم قىلغان تېررورچىلارغا، ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرى قايتۇرما زەربە بەرگەن. ئۇدا 3 سائەت داۋاملاشقان توقۇنۇشلاردا ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، «فىرات قالقىنى» ناملىق ھەربىي ھەرىكەت رايونىدىكى ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىغا،. ناھىيەنىڭ جەنۇبىدىكى بەششار ئەسەد كۈچلىرى ھۇجۇم قىلغان. بۇ ھۇجۇمدىمۇ ئەركىن سۈرىيە ئارمىيەسى قىسىملىرىدا ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر