خىتاي – كانادا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىس مۇرەككەپلەشمەكتە

خىتاي بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان دىپلوماتىك كىرىزىس بارغانسېرى مۇرەككەپلەشمەكتە.

خىتاي – كانادا ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كىرىزىس مۇرەككەپلەشمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتايدا ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كانادالىق سابىق دىپلومات مايكېل كوۋرىگ بىلەن ئالاقە ئورنىتىلغانلىقى، كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، سوراق قىلىنغاندىن كېيىن ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن كانادالىق كارخانىچى مەسىلىسى توغرىلىقمۇ خىتاي دائىرىلىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.

مايكېل كوۋرىگ، خىتاينىڭ داڭلىق تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ دىرېكتورى مېڭ ۋەنجونىڭ كانادادا قولغا ئېلىنىشىدىن ئىنتىقام ئېلىنىش مەقسىتىدە خىتايدا تۇتقۇن قىلىنغانىدى.

دىپلوماتىك كىرىزىس  سەۋەبىدىن، كانادا ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مېلانې جولى خىتايغا قىلىدىغان رەسمىي زىيارىتىنى بىكار قىلدى.

كانادا باش مىنىستىرى جاستىن ترۇدو بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينىڭ ئىككى كانادا پۇقراسى «كانادالىق كارخانىچى مايكېل سپاۋور بىلەن سابىق دىپلومات مايكېل كوۋرىگ) نىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ۋەقەنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يامانلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يىرىكلىشىشىگە ئەگىشىپ ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر