گېرمانىيە ساقچىلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتتى

گېرمانىيەنىڭ شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىسىدە ساقچىلارغا گۇماندارلارنى ئۇدا 28 كۈن نازارەت ئاستىدا تۇتۇش ھوقۇقى بېرىلدى.

گېرمانىيە ساقچىلارنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىلىك پارلامېنت تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان قارارنامىگە ئاساسەن، ساقچىلار ئەدلىيە قارارى بولمىسىمۇ، گۇمانلىق دەپ قارىغان شەخسلەرنى ئۇدا 28 كۈن نازارەت ئاستىدا تۇتۇپ تۇرالايدىكەن ھەم ئۇلارنىڭ يانفونلىرىدىكى ئۇچۇرلىرىنىمۇ جاسۇسلۇق پىروگراممىلىرى ئارقىلىق كۆزىتەلەيدىكەن.

يېڭى يىلدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغان قارارنامە دائىرىسىدە، ساقچىلار زۆرۈر دەپ قارىغان رايونلارغا بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئورانلاشتۇرۇپ قويالايدىكەن، جىنسىي جىنايەت ياكى ئائىلە ئىچى زوراۋانلىق قاتارلىق ۋەقەلەردە گۇمانلىق دەپ قارىغان شەخسلەرگە ئەدلىيە قارارى بولمىسىمۇ ئېلېكتورونلۇق چېدەل سالالايدىكەن.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، شىمالىي رېن ۋېستفاليا ئۆلكىلىك ھۆكۈمىتىنىڭ شېرىكلىرى بولغان خىرىستىيان دېموكراتلار بىرلىكى بىلەن ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن پارلامېنتقا سۇنۇلغان بۇ قارارنامە، ئۆكتىچىلەر پارتىيەسى بولغان سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ قوللىشى بىلەن قانۇنلاشقان.

بۇ قارارنامە ساقچىلارغا پەۋقۇلئاددە يېڭى ھوقۇقلارنى بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈبۈلۈپ،  بەزى جەمئىيەتلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىغان، بولۇپمۇ چوڭ شەھەرلەردە بۇ قارارنامىگە قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر