ئىسرائىلىيە كۈچلىرى قۇددۇس ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېسىپ كىردى

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي قۇددۇسقا جايلاشقان قۇددۇس ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېسىپ كىردى.

1106298
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى قۇددۇس ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېسىپ كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىن تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئسې كۈچلىرى شەرقىي قۇددۇسقا قاراشلىق ئەبۇ دىس رايونىدىكى قۇددۇس ئۇنىۋېرسىتېتىغا بېسىپ كىرىپ، بەزى فاكولتېتلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.

تەكشۈرۈش جەريانىدا بەزى ئىشخانىلارنىڭ ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولغان ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئۇنىۋېرسىتېتقا ئائىت بىخەتەرلىك كامېرالىرىنى ئېلىپ كەتكەن.

ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى بۇنىڭغا قارشى چىققان ئوقۇغۇچىلارغا ياش ئاققۇزۇش بومبىسى ئارقىلىق مۇداخىلە قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر