ئانگېلا مېركېل گېرمانىيەنىڭ ئىماملىق كەسىي مائارىپىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى

ئانگېلا مېركېل «مېنىڭ قارىشىمچە گېرمانىيەنىڭ ئىماملىق كەسىي مائارىپىغا ئېھتىياجى بار» دېدى.

1106106
ئانگېلا مېركېل گېرمانىيەنىڭ ئىماملىق كەسىي مائارىپىغا ئېھتىياجى بارلىقىنى ئېيتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئىماملىق ئۈچۈن كەسپىي تەلىم تەربىيەگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتتى.

ئانگېلا مېركېل فېدېراتسىيە پارلامېنتىدىكى ئاغزاكى سوئال تەكلىپىلىرى كۈنىدە، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئانگېلا مېركېل دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تۈرك - ئىسلام بىرىلىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن گېرمانىيە ئىچكى ئىستىخبارات تەشكىلاتى تەرىپىدىن تەقىب قىلىنمايدىغانلىقىغا دائىر بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سوئاللىغا جاۋاب بېرىپ، كىمنىڭ قاچان ۋە قايسى دائىرىدە تەقىب قىلىنىشى كېرەكلىكىگە بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئۆزلىرى قارار بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تۈرك - ئىسلام بىرىلىكىنىڭ بىر قانچىلىغان ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە خىزمەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن مېركېل، بۇ جەھەتتە بۇ ئورگاننىڭ ئەڭ يېقىن موناسىۋىتى بولغان تۈركىيە بىلەنمۇ مۇزاكىرىلىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانگېلا مېركېل دىنىي ئىشلار ئىدارىسى، تۈرك - ئىسلام بىرىلىكى مەسلىسىدە، بەزى بىئارام قىلغۇچ ئەھۋاللارنىڭمۇ كۆرۈلگەنلىكىنى ۋە بۇنىمۇ قارشى تەرەپكە ئوچۇق ئاشكارا بىلدۈرگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

مېركېل گېرمانىيە ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىسلام دىنىي دەرسلىرىنىڭ ئوقۇتىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «مېنىڭ قارىشىمچە گېرمانىيەنىڭ ئىماملىق كەسىي مائارىپىغا ئېھتىياجى بار. بۇ بىزنى تېخىمۇ مۇستەقىل ھالغا كەلتۈرىدۇ ۋە كەلگۈسى ئۈچۈن زورۈر» دېدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر