تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى.

1102933
تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۈركىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى كۈچلۈك مۇناسىۋەتلەر، گېئوپولىتىكىدىن ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەرگىچە، ساياھەتتىن قىرىم تاتارلىرى تۈركلىرىنىڭ ئەھۋالىغىچە نۇرغۇنلىغان ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، بىز بۇ ھەپتىكى پىروگراممىمىزدا، تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى ۋە تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمىز.  

تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى 1991 – يىلى 16 – دېكابىر كۈنى ئېتىراپ قىلدى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 1992 – يىلى 3 – فېۋرال كۈنى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلدى. تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى 2011 – يىلى ئورنىتىلغان ئىستىراتېگىيەلىك ئالىي ھەمكارلىق كېڭىشى مىخانىزمىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلدى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا 2012 – يىلى 1 – ئاۋغۇست كۈنى ۋىزىسىز ساياھەت تۈزۈمى يولغا قويۇلدى.

 2016 – يىللىق ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىناغا بولغان ئېكىسپورتى 1.25 دوللار، ئۇكرائىنادىن ئىمپورتى بولسا 2.25 مىليارد دوللار بولۇپ، سودا ئومۇمىي سوممىسى 3.8 مىليارد دوللارغا يېتىدىكەن.

ئىقتىسادتىن دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىغىچە، ساياھەتتىن مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىغىچە ھەر ساھەدە بارغانسېرى تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرى، 2014 – يىلى رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىشغال قىلىۋېلىشى بىلەن بىرلىكتە ئىستىراتېگىيەلىك سەۋىيەگە يەتتى. 2013 – يىلى ئۇكرائىنا كىرىزىسنىڭ باشلانغۇچىدىن ئېتىبارەن دۆلەتنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان تۈركىيە، خەلقئارا ساھەدىكى پائالىيەتلىرىنى قىرىم تۈركلىرىنىڭ ھەق – ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى چىقىش نۇقتا قىلغان ئاساستا داۋاملاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئەنقەرە قارادېڭىزدا قىرغاقداش بولغان بۇ ئىككى دۆلەتنى باشلانغۇچتا مۇرەسسەلەشتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ، لېكىن، 2015 – يىلى رۇسىيەنىڭ سۈرىيە كىرىزىسىگە داخىل بولۇشى ۋە رايونغا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ئوخشىمىغان بىر باسقۇچنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

بولۇپمۇ تۈركىيە – رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن «ئايروپىلان كىرىزىسى» ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مۇھىم مەسىلىگە ئايلاندى، بۇ جەرياندا، ئەنقەرە – كىيېۋ مۇناسىۋەتلىرى كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى. كېيىنچە تۈركىيە بىلەن رۇسىيە كىرىزىس باسقۇچىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا تىرىشتى، بۇ مەزگىلدە ھەم ئەنقەرە ھەم كىيېۋ، تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇھىملىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتى.

ئەنقەرەنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىشقا ئاشۇرۇۋاتقان دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتىدىكى ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى تېخنولوگىيە يۆتكەش مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تۈركىيەنىڭ بۇ ھەقتىكى تەلەپلىرىنى قاندۇرالمىدى.

كىيېۋ بولسا ھەم ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا داۋاملىشىۋاتقان توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن، ھەم رۇسىيەنىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى سەۋەبىدىن، ئۇكرائىنا قوراللىق قىسىملىرىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تىرىشماقتا. دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە مۇھىم مەنبەلەرگە ئىگە بولغان ئۇكرائىنا بىلەن دۇنيا بويىچە ئەڭ قۇدرەتلىك ئارمىيەلەردىن بىرىگە ئىگە بولغان تۈركىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى نىشانلىرى، ئىككى دۆلەتنى بىر - بىرىگە نىسبەتەن ناھايىتى قىممەتلىك بىرەر ھەمراھقا ئايلاندۇرماقتا.

ئەنقەرە بىلەن كىيېۋ 2014 – يىلى ھەربىي – تېخنىكىلىق  ھەمكارلىق كېلىشىمىنى يېڭىلىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، بىرونىۋىك، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى، باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى، ئايروپىلان موتۇرلىرى، يول باشلاش سىستېمىسى ۋە ئالەم قاتنىشى پائالىيەتلىرى قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە ئورتاق ئىشلەپچىقىرىش نۇقتىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلدى.

بۇ باسقۇچتا تۈركىيە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە 20 مىليون تۈركىيە لىراسى قىممىتىدىكى ھەربىي ئەسلىھەلەر ۋە ئوق – دورىلارنى ياردەم قىلدى. ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى شىركىتى ئۇكروبورونپروم بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىلدى. بۇ ھەقتە تۈزۈلگەن كېلىشىمكە ئاساسەن، ھەربىي ئىشلار ئېلېكتىر تېخنىكا سانائىتى شىركىتىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە خەۋەرلىشىش ئۈچۈن ئىلغار تېخنولوگىيەلىك رادىيو قوبۇللىغۇچ بېرىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2018 – يىلى ئىيۇلدا دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ساھەسىدە داۋاملىشىۋاتقان پائالىيەتلەرنى تېزلەشتۈرۈش مەقسىتىدە 1 – نۆۋەتلىك تۈركىيە- ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئەسى سانائىتى ھەمكارلىق يىغىنى چاقىرىلدى.

ساياھەت ساھەسىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەمەكتە. 2012 – يىلى ۋىزىسىز ساياھەت خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈرگەن ئىككى دۆلەت، 2017 – يىلى ئىيۇندىن ئېتىبارەن پاسپورتسىز ساياھەت دەۋرىگە قەدەم قويدى. پەقەت كىملىكلەر بىلەنلا ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان زىيارەتلەر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇكرائىنادا چەت ئەلگە ساياھەتكە بارىدىغانلارنىڭ دېگۈدەك % 70 تى تۈركىيەنى تاللايدۇ. 2018 – يىلى بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا % 20 لىك ئېشىش بىلەن 1.3 مىليون ئۇكرائىنالىق ساياھەتچى تۈركىيەگە كەلدى، بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە تۈركىيەگە كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سانىنىڭ 1.5 مىليونغا يېتىشى كۈتۈلمەكتە. بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇكرائىنا تۈركىيەگە ئەڭ كۆپ ساياھەتچى ئەۋەتكەن 7 – دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيەدىن ئۇكرائىناغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى بولسا يىلسېرى ئېشىپ، 2018 – يىلى 300 مىڭغا يېقىنلاشتى.

يېقىندىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، ئۇكرائىنا خەلقىنىڭ تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشكە بولغان قىزىقىشىنى قوزغىماقتا. بۇ نۇقتىدا، يېقىندا كىيېۋدا ئېچىلغان يۇنۇس ئەمرە مەدەنىيەت مەركىزى، «ئۇكرائىنادا تۈركىيەنى، تۈركىيەدە ئۇكرائىنانى تېخىمۇ كۆپ تونۇشتۇرۇش» شوئارى ئاستىدا تۈرك تىلى كۇرسلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلمەكتە.

ئەنقەرە تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرىنى تەشكىل قىلىدىغان قىرىم تۈركلىرىگىمۇ داۋاملىق ياردەم بەرمەكتە. تۈركىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسى باشلانغاندىن بۇيان قىرىم تۈركلىرىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇكرائىنا پارلامېنت ئەزاسى مۇستاپا ئابدۇلجەمىل قىرىمئوغلۇ بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىپ كەلمەكتە.

ئۇكرائىنادا ياشايدىغان قىرىم تۈركلىرى، ئاھىسكا تۈركلىرى ۋە كۆك ئوغۇز تۈركلىرىگە ئوخشاشلا، تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇكرائىنالىقلارمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

تۈركىيەدە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى قارىمىدا ئۇكرائىنا تىلى ۋە ئەدەبىياتى بۆلۈمى ئېچىلدى، ئوخشىمىغان ئوقۇ – ئوقۇتۇش ئورگانلىرىدا ئۇكرائىنا تىلى كۇرسلىرى خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلدى. بۇ باسقۇچتا تۈركىيەدە 12 دانە ئۇكرائىنا جەمئىيىتى قۇرۇلدى، ئەنقەرەدە «<ئۇكرائىنا> خەۋەر ئاگېنتلىقى» (ئۇكرىنفورم) بىيورۇسىمۇ پائالىيەتكە ئۆتتى.

تۈركىيە – ئۇكرائىنا مۇناسىۋەتلىرىدە، يېقىنقى 4 يىل ئىچىدە سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي، دىپلوماتىك ۋە مەدەنىيەت ساھەسلىرىدە ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

قارادېڭىزغا قىرغاقداش بولغان ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىقى ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق سەۋىيەسىگە يەتكۈزۈلدى. بولۇپمۇ ھەم ئەنقەرەنىڭ ھەم كىيېۋنىڭ ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، قارادېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىشى، ئالدىمىزدىكى باسقۇچتا ھەر ئىككى تەرەپكە نىسبەتەن نۇرغۇنلىغان پايدىلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر