ئىراندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «ئەنسارۇلفۇرقان»نىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاباھار شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى تېررورچىلارنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.

ئىراندا يۈز بەرگەن ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «ئەنسارۇلفۇرقان»نىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىغا جايلاشقان سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىگە قاراشلىق چاباھار شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتى تېررورچىلارنىڭ بومبىلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 4 ئادەم جېنىدىن ئايرىلدى، كۆپ ساندا ئادەم يارىلاندى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيە قانىلى، چاباھار شەھىرىدىكى رىگى يولى بويىغا جايلاشقان ساقچى پونكىتىنىڭ يېنىدا ئاپتوموبىل بومبا ھۇجۇمى يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

چاباھارنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى رەھمەلد بامەرىيمۇ ئادەم بومبا ھۇجۇمىنىڭ شۇ جاي ۋاقتى سائەت 9 دىن 55 مىنۇت ئۆتكەندە مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «بومبا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلنى ھەيدەپ ساقچى ئىدارىسىغا كىرمەكچى بولغان تېرروچى، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ مۇداخىلىسىگە دۇچ كەلگەندىن كېيىن، بىنانىڭ كىرىش ئېغىزىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتتى» دېدى.

بامەرى، ھۇجۇمدا 4 ئادەمنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ساقچىلار ۋە پۇقرالار قوشۇلۇپ كۆپ ساندا ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

چاباھار سەھىيە مەركىزى بايانات بېرىپ، ھۇجۇمدا 27 كىشىنىڭ دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ئىران تاراتقۇلىرى، ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى «ئەنسارۇلفۇرقان» ناملىق بىر تەشكىلاتنىڭ ئۈستىگە ئالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنسارۇلفۇرقان تەشكىلاتى، سىستان ۋە بېلۇجىستان ئۆلكىسىدە پات – پات ئىران خەۋپسىزلىك كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە.


خەتكۈچ: ساقچى , ھۇجۇم , ئىران

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر