سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ترامپنىڭ مېھمانخانىسىدىن 500 ھۇجرا تۇتتى

سەئۇدى ئەرەبىستان نامىدىن پائالىيەت قىلىۋاتقان لوبىچىلار ترامپنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ كىرىمىنى %25 ئاشۇردى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار ترامپنىڭ مېھمانخانىسىدىن 500 ھۇجرا تۇتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى، سەئۇدى ئەرەبىستان نامىدىن پائالىيەت قىلىۋاتقان لوبىچىلارنىڭ 2016يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋاشىنگىتوندىكى مېھمانخانىسىدا 3 ئايغىچە تەخمىنەن 500 ھوجرا تۇتۇپ ھەق تۆلىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى قولغا كەلتۈرگەن مەلۇماتلارنى مەنبە قىلغان خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا ۋەكىللىك قىلىدىغان لوبىچىلارنىڭ ھازىرمۇ دونالد ترامپنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى مېھمانخانىغا 270 مىڭ دوللار ھەق تۆلىگەنلىكىنى يازدى.

خەۋەردە لوبىچىلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاننى بىئارام قىلىدىغان بىر قانۇنغا قارشى لوبى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىش ئۈچۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشىلەرگە ھەقسىز ۋاشىنگىتون زىيارىتى پائالىيىتى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرگەنلىكلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان لوبىچىلارنىڭ 2016يىلىدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدىن كېيىن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىپ ۋاشىنگىتوندىكى مېھمانخانىسىدا 3 ئايغىچە تەخمىنەن 500 ھوجرا تۇتۇپ ھەق تۆلىگەنلىكلىرى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

خەۋەردە، ھەر بىر ھوجرىنىڭ كۈندىلىك باھاسىنىڭ 768 دوللار ئىكەنلىكى، لوبىچىلارنىڭ 6 گۇرۇپپىنى مېھمان قىلغانلىقى، ترامپنىڭ مېھمانخانىسىغا چۈشكەن ۋە ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن كىشىلەردىن بەزىلەرنىڭ بۇ ساياھەت چىقىملىرىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تۆلىنىدىغانلىقىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.  

خەۋەردە مەزكۇر كىشىلەرنىڭ ھەم سەئۇدى ئەرەبىستان نامىدىن پالاتاغا بېرىپ، ھەمدە ترامپنىڭ مېھمانخانىسىغا تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق 2 قېتىم ئىشلىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەۋەردە يەنە، 2017يىلى فىۋرال ئېيىدىن بۇيان ترامپنىڭ چىكاگو ۋە نىيۇ يوركتىكى مېھمانخانلىرىغا چۈشكەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق خىرىدارلارنىڭ سانىنىڭ ئاشقانلىقى، تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانغا ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا ھەمراھ بولغانلارنىڭمۇ نىيۇ يوركتا ترامپنىڭ مېھمانخانىسىنىڭ كىرىمىنى %25 ئاشۇرغانلىقى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر