خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دىرېكتورى قولغا ئېلىندى

خىتاينىڭ تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ خوجايىنى رېن جېڭفېينىڭ قىزى ۋە شىركەتنىڭ پۇل – مۇئامىلە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋەنجو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىران ئېمبارگولىرىغا بويسۇنمىغانلىقى بىلەن ئەيىبلىنىپ كانادادا قولغا ئېلىندى.

خۇاۋېي شىركىتىنىڭ دىرېكتورى قولغا ئېلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كانادا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئېمبارگو قارارلىرىغا رىئايە قىلماسلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ  ۋاشىنگتوننىڭ تەلىپىگە بىنائەن   1 – دېكابىر كۈنى  كانادانىڭ ۋانكوۋېر شەھىرىدە قولغا ئېلىنغان مېڭ ۋەنجو 7 – دېكابىر جۈمە كۈنى سوتلىنىدىكەن.

مېڭ ۋەنجو ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن تەقدىردە، نىيۇ يورك ئىشتاتىنىڭ شەرقىي رايونلۇق سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ ئەقىللىق تېلېفون ۋە ئۇچۇر - ئالاقە مەھسۇلاتلىرىنى  ئىشلەپچىقىرىدىغان داڭلىق شىركىتى خۇاۋېي ئۈستىدىن، ئىرانغا قارىتىلغان ئېمبارگولارنى دەپسەندقىلىش بىلەن ئەيىبلەپ ئاپرېل ئېيىدا تەكشۈرۈش باشلاتقانىدى.

ئامېرىكا – خىتاي ئوتتۇرىسىدا يېقىندا ھاسىل قىلىنغان سودا كېلىشىمىگە نىسبەتەن خەۋپ تەشكىل قىلىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان بۇ خەۋەر، پۇل – مۇئامىلە دۇنياسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسەتتى.

بۇ خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش بىلەن ئېچىلدى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ قەرەللىك پېرېۋوت چەكلىرىدە بولسا تۆۋەنلەش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە.

نىيۇ يورك ۋاقتى سائەت 23.45 ئېتىبارى بىلەن (ئەنقەرە ۋاقتى سائەت 07.45)  Standard&Poor’s نىڭ 500 قەرەللىك پېرېۋوت چەكلىرىدە % 1.3، Dow Jones  نىڭ قەرەللىك پېرېۋوت چەكلىرىدە % 1،4 ۋە Nasdaq نىڭ قەرەللىك پېرېۋوت چەكلىرىدە بولسا  % 1.6 تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر