خىتايدا 2 بوۋاقنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەن بىر مۇتەخەسسىس سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتتى

خەلقئارا سەھىيە قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا، گېنى ئۆزگەرتىلگەن بوۋاقلارنىڭ زادى قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ زادى كىملەر ئىكەنلىكى تېخىچە سىر تۇتۇلماقتا.

خىتايدا 2 بوۋاقنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەن بىر مۇتەخەسسىس سىرلىق ھالدا يوقىلىپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتايدا بوۋاقلارنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتكەنلىكى بىلەن كۈنتەرتىپتىن ئورۇن ئالغان مۇتەخەسسىس خى جىئەنكۈينىڭ، بىر كونفېرانستا تەتقىقاتلىرى ھەققىدە دوكلات بەرگەندىن كېيىن، ئىز  دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان «ABC News» گېزىتى «Apple Daily» نى مەنبە كۆرسەتكەن خەۋىرىدە، خى جىئەنكۈينىڭ ئالدىنقى ھەپتە خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىدا «ئىنسان گېنلىرى بەلگىلىمىرى، 2نۆۋەتلىك خەلقئارالىق ئالىي يىغىنى» دا ئۆز تەتقىقاتلىرى ھەققىدە ئىلمىي دوكلاتىنى سۇنغاندىن كېيىن، يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ۋە تېخىچە قەيەردە ئىكەنلىكىنىڭ ئېنقلانمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئاممىۋى مۇناسىۋەت ئىشخانىسى باياناتچىسى بۇ مەسلىىگە قارىتا ھازىرچە ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خى جىئەنكۈينىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىگە دائىر تارقىلىپ يۈرگەن سۆزلەرگە ئېنىقلىما بېرىشنى رەت قىلدى.  

باياناتچى: «يېڭى مەلۇمات كەلگەندە ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ رەسمىي ئىنتېرنېت بېتىدە ياكى قىسقا ئۇچۇر ۋە «WeChat» ھېسابى ئارقىلىق خەلققە مەلۇمات بېرىلىدۇ» دېدى.

خىتاي ئىلىم  پەن ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرى شۇ نانپىڭ 29نويابىردا خىتاي دۆلەت تېلېۋزىيەسى «CCTV» گە بەرگەن باياناتىدا، بۇ ئاينىڭ بېشىدا تۇغۇلغان 2 نەپەر قىز بوۋاقنىڭ گېنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە ياردەمچى بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن تەجرىبىخانىنىڭ پائالىيەتلىرىنىڭ توختتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. 

خىتاي ئىلىم - پەن ۋە تېخنىكا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنسان گېنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن شۇ نانپىڭ: «شۇنداقتىمۇ بۇ ئەترەتنىڭ پائاليەتلىرىنى قانۇسىزلىق دەپ قاراشقا بولمايدۇ» دېگەن ھەمدە بۇ مەسىلىنىڭ تەكشۈرۈلىشى ئۈچۈن بۇيرۇق بەرگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە ئىشلىرى كومىتېتى 27نويابىردا 2 نەپەر قىز بوۋاقنىڭ گېنىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى مەسلىسى ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.

خىتايدىكى بۇ گېن ئۆزگەرتىلىشى خەلقئارادىكى بىلىم ئىنسانلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىمۇ 3دېكابىردا خىتايدىكى بىر مۇتەخەسسىسنىڭ بوۋاقلارنىڭ گېنلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكىگە دائىر خەۋەرلەردىن كېيىن، گېن بەلگىلىمىلىرىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

گېنى ئۆزگەرتىلگەن بوۋاقلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ۋە ئائىلىسىنىڭ زادى كىملەر ئىكەنلىكى تېخىچە سىر تۇتۇلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر