خىتاي كانادادىن مېڭ ۋەنجۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

خىتاي، كانادادىن، ۋانكوۋېردا نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ خوجايىنىنىڭ قىزى ۋە مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋەنجۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي كانادادىن مېڭ ۋەنجۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي، كانادادىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان تېخنولوگىيە شىركىتى خۇاۋېينىڭ خوجايىنىنىڭ قىزى ۋە مالىيە ئىشلىرى دىرېكتورى مېڭ ۋەنجۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاينىڭ ئوتتاۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بايانات بېرىپ، مېڭ ۋەنجۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ياكى كانادا قانۇنلىرىغا خىلاپلىق قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىدى ۋە كانادادىن بۇ خاتالىقنى ۋاقتىدا تونۇپ، مېڭ ۋەنجۇنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتىدا، «خىتاي تەرەپ، كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپ بۇ قىلمىشقا قاتتىق قارشى چىقىدۇ ۋە بۇ ئەھۋالغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كانادا ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدا، مېڭنىڭ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىرانغا يۈرگۈزگەن ئېمبارگوسىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن 1 – دېكابىردا ۋانكوۋېر شەھىرىدە نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ۋە ئامېرىكىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنغان مېڭ ۋەنجۇنىڭ 7 – دېكابىر جۈمە كۈنى تۇنجى سوتقا چىقىرىلىشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

مېڭ ۋەنجۇ ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن تەقدىردە، نيۇ يورك ئىشتاتىنىڭ شەرقىي رايون مەھكىمىسىدە سوتلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، خىتاينىڭ ئەقلىيفون ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە ئۇچۇر –ئالاقە گۇرۇھى خۇاۋېي ئۈستىدىن ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئاپرېل ئېيىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر