ھىندىستانىڭ پەن – تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

ھىندىستاندا «بىر پەن – تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ لابوراتورىيىسىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا، بىر تەتقىقاتچى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئۈچ تەتقىقاتچى ئېغىر يارىدار بولدى.

ھىندىستانىڭ پەن – تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پارتلاش يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، باڭگالور شەھىرىدىكى ئىلىم پەن، تېخنىكا ئىنسىتىتۇتىنىڭ ئاۋېئاتسىيە ۋە ئالەم قاتنىشى ئىنژېنېرلىق شۆبىسىدىكى ھاۋا دىنامىكى لابوراتورىيەسىدە تۈنۈگۈن چۈش ۋاقتىدا پارتلاش يۈز بەرگەن.

ساقچىلار لابوراتورىيەدىكى بىر تەتقىقات جەريانىدا، «ھىندوگېن گاز كۈپى پارتلاپ كېتىش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇش ئېھتىمالى بار» دەپ قارىلىۋاتقان ۋەقەدە، 1 تەتقىقاتچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە 3 تەتقىقاتچىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى بىلدۈردى. 

ساقچىلار پارتلاشنىڭ ئىنتايىن كۈچلۈك بولغانلىقىنى ۋە لابوراتورىيەدىكى ئۈسكۈنىلەرنىڭ پۈتۈنلەي زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

پارتلاشنىڭ تەسىرىدە 8 مېتىر ئۇزاقلىققا بېرىپ چۈشكەن تەتقىقاتچىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىغانلىقى، بەدىنىنى كۆيۈك ۋە سۇنۇقلار قاپلاپ كەتكەنلىكى، قالغان تەتقىقاتچىلارنىڭ دوختۇرخانىدا بالنېتسقا ئېلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئەدلىيە دوختۇرلىرىنىڭ پارتلاشنىڭ سەۋىبىنى تەكشۈرىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر