بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئامېرىكىلىق بىر ساياھەتچىنىڭ جەسىتى ھىندى ئوكياندىكى ئۇزاق بىر ئارالدىن تېپىلدى.

بىر ئامېرىكىلىق ساياھەتچىنىڭ جەسىتى تېپىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق ساياھەتچىنىڭ ئارالدا دۇنيادىن پۈتۈنلەي مۇناسىۋىتى ئۈزۈلگەن ھالدا ياشايدىغان بىر قەبىلە ئەزالىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھىندىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكىلىق ساياھەتچىنىڭ جەسىتىنى ھىندىستاننىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاندامان ۋە نىكەبار ئاراللىرىغا قاراشلىق شىمالىي سېنتىنېل ئارىلى ئەتراپىدا بېلىقچىلارنىڭ بايقىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

زىيارەتكە ئۇچۇق بولمىغان مەزكۇر ئارالغا بارغان چەت ئەللىكلەرگە بەزىدە ئوقيا ياكى نەيزە بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى بىلەن تۇنۇلغان مەلۇم بىر قەبىلە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

ھىندىستاندىكى ئامېرىكا كونسۇلخانىسى مەسئوللىرى ئۆلتۈرۈلگەن پۇقراسىنىڭ كىملىكى ھەققىدە تېخىچە مەلۇمات بەرمىدى.

بۇ ئارال ئەتراپىدا تاش پاقا ۋە قىسقۇچ پاقا تۇتىدىغان بېلىقچىلارمۇ پات - پات ئارالدىكى يەرلىك قەبىلە ئەزالىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ تۇرىدۇ.

2006يىلى كېمىسى بۇزۇلۇپ قېلىپ قىرغاققا چىققان 2 نەپەر ھىندىستانلىق بېلىقچىلارنىمۇ ئەشۇ قەبىلە ئەزالىرى ئۆلتۈرگەن ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر