ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

ياۋروپا ئىتتىپاقى، مۇداپىئە ساھەسىدە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلالايدىغان، مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغان بىر ئاكتىيورغا ئايلىنىش ئۈچۈن مۇداپىئە ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنى بىر يەرگە جەم قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كېڭىشى يىغىنىدا قوبۇل قىلىنىپ، ياۋروپا كېڭىشى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خۇلاسە دوكلاتىدا، مۇداپىئە ساھەسىدە يېڭى پىلان – لايىھەلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى؛ دوكلاتتا، «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە ۋە كېلەچەكتە دۇچ كېلىدىغان خەۋپسىزلىك ئېھتىياجلىرىنى قامداش دائىرىسىدە خەۋپسىزلىكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە مۇستەقىل ئاكتىيور سۈپىتىدە ھەرىكەت قىلىش قابىلىيىتى كۈچەيتىلىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قەدىمىنىڭ ئورتاق مۇداپىئە خىزمەتلىرىگە ياردەمچى بولىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان دوكلاتتا، مۇداپىئە ساھەسىدە تاشلىنىدىغان قەدەملەرنىڭ ترانسئاتلانتىك مۇناسىۋەتلىرىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ نۆۋەتتە 10 غا يېقىن مەمۇرىي ۋەزىپىنى ئورۇنداۋاتقانلىقى قەيت قىلىنغان ھالدا، ئورتاق مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسەتلىرىنىڭ مەمۇرىي تەرەپلىرىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيتىلىشىنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان دوكلاتتا، تەشكىللىك جىنايى قىلمىشلار، تېررورلۇق ۋە ئارىلاشما تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن، ئورتاق مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك سىياسىتى دائىرىسىدە مەمۇرىي خىزمەتلەرگە ئالاقىدار پىلان - لايىھەلەرنىڭ كۈچەيتىلىشى قارار قىلىندى، دېيىلدى.

دوكلاتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ 25 ئەزا دۆلەت ئارىسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان قۇرۇلمىلىق دائىمىي ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ روھىغا ئاساسەن، 17 يېڭى لايىھەنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىستىخبارات ئاكادېمىيەسىنىڭ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىستىخبارات تارماقلىرى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى – ناتو ئىستىخبارات ساھەسىدە خىزمەتچى خادىم تەربىيەلەش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

دوكلاتتىكى، گېرمانىيەنىڭ باشلامچىلىقىدا يېڭى ئەۋلاد ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىلغارلاشتۇرۇلۇشى، چېخىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە ئورتاق ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش بىرلىكى شەكىللەندۈرۈش، فىرانسىيە تەرىپىدىن ھەربىي بازىلارنىڭ ئورتاق ئىشلىتىلىشىنىڭ قولايلاشتۇرۇلۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشقا ئالاقىدار قوبۇل قىلىنغان باشقا لايىھەلەرمۇ دىققەتنى تارتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر