سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى جەمال قاشىقجى جىنايىتىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەت ئەل زىيارىتىگە چىقىدۇ

سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شەھزادە مۇھەممەد بىن سەلمان ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم چەت ئەل زىيارىتىگە چىقىدىغان بولدى.

1091539
سەئۇدى ئەرەبىستان شاھزادىسى جەمال قاشىقجى جىنايىتىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم چەت ئەل زىيارىتىگە چىقىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستان مېدىيالىرىدا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئېنېرگىيە مىنىستىرى خالىد ئابدۇلئەزىز ئەل فالىھ، تەخت ۋارىسى مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ چەت ئەل زىيارىتى دائىرىسىدە، 30نويابىردىن 1دېكابىرغىچە ئارگېنتىنادا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان گ 20 دۆلەتلەر گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

مىنىسىتىر خالىد ئابدۇلئەزىز ئەل فالىھ مەزكۇر چەت ئەل زىيارىنىڭ ئارگېنتىنادىن باشقا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقى ھەققىدە مۇلۇمات بەرمىدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى 2ئۆكتەبىردە توي رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىغا كىرگىنىدە ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر