فىرانسىيەدە بىر ئايالغا ھۇجۇم قىلىپ، باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

فىرانسىيەنىڭ سايىنت كۇئېنتىن شەھىرىدە يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن نامايىش جەريانىدا، بىر گۇرۇپپا نامايىشچىلارنىڭ بىر ئايالنى باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.

فىرانسىيەدە بىر ئايالغا ھۇجۇم قىلىپ، باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلاش ۋەقەسى يۈز بەردى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئاممىۋىي تاراتقۇسى «France Info» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى سايىنت كۇئېنتىن شەھىرىدىكى نامايىشتا، «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» دېگەن نام بىلەن تەشكىللەنگەن پائالىيەتچىلەردىن بىر گۇرۇپپا كىشىلەر ئاپتوموبىلىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغان باش ياغلىقلىق بىر ئايالغا دەسلەپتە ھاقارەت قىلغان، ئاندىن باش ياغلىقىنى ئېلىۋېتىشكە مەجبۇرلىغان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلىشىچە، نامايىشنى تەشكىللىگۈچى ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ، باش ياغلىقلىق ئايالغا ھۇجۇم قىلغان نامايىشچىلارنى ئاگاھلاندۇرغان ۋە ئۇلارغا قارشى چىققان.

ۋەقەگە شاھىت بولغان 70 ياشلىق بىر ئايال يەرلىك مەتبۇئاتلارغا بەرگەن باياناتىدا، «قىممەتچىلىككە قارشى نامايىشنى قوللايمىز، بىراق ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن نامايىش قىلىشقا بولمايدۇ» دېگەن.

بۇ ئارىلىقتا چارەنتە تەپتىش مەھكىمىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، نامايىش جەريانىدا «سېرىق جىلىتكىلىكلەر» دېگەن نام بىلەن تەشكىللەنگەن نامايىشچىلاردىن بەزىلەرنىڭ بىر ئاپتوموبىلنى قورشىۋېلىپ، ئاپتومبىلدىكى كىشىگە ھاقارەت قىلىۋاتقانلىقىغا دائىر كۆرۈنۈشلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش باشلىغانلىقى ئېلان قىلىندى.  

فىرانسىيە مىقياسىدا شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشلاردا ھۆكۈمەتنىڭ يېقىلغۇغا قوشۇمچە باج قويغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلگەن ئىدى. نامايىشچىلار يۈزلىگەن كوچا ۋە يوللارنى توسۇپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئىدى.

فىرانسىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى نامايىشقا تەخمىنەن 287 مىڭ كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 1 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 409 كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى ۋە 157 كىشىنىڭ نازارەتكە ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر