ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشى مەسىلىسىنى كېلىشەلمەي يىغىن ئاخىرلاشتى

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ: «بۇ لايىھە ھېچ كىشىنى ھۇجۇم نىشانى قىلمايدۇ ۋە ھېچ كىشىنى چەتكە قاقمايدۇ. بەزىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك باشقا دۆلەتلەرگە قۇرۇلغان تۇزاقمۇ ئەمەس» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا ئۇرۇشى مەسىلىسىنى كېلىشەلمەي يىغىن ئاخىرلاشتى

  تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سىنگاپور باش مىنىستىرى لې خىسېن لوڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا، ھەر ئىككى دۆلەت بايقالغان مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىشقا كېلىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

«Channel News Asia» قانىلىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، لې خىسېن لوڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەر يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە يېتىپ بارغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە توختالدى.

ئۇ ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بىر بىرىنىڭ مەنپەئىتىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئورۇشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مەسىلىلەرنى بېكىتىشتە ھەمكارلىشىشى لازىم. ئىككى دۆلەت بايقالغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشقا كېلىشىشى لازىم» دېدى. 

لې خىسېن لوڭ مەسىلىلەرنى پەقەت ھەر ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ياخشى نىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلغاندىلا ئاندىن ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رەھبەرلەر يىغىنى تۈنۈگۈن (18-نويابىر) ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق تىل بىلەن، «ناھەق سودا قىلىۋاتىسىلەر» دېگەننى تەكىتلىشى ۋە خىتاينىڭمۇ بىر دوكلاتىدا: «ئامېرىكا ئۆز بېشىمچىلىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەننى ئىلگىرى سۈرۈشى تۈپەيلىدىن ئۆزئارا كېلىشەلمەيلا ئاخىرىلاشقان ئىدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرېزىدېنتى مايك پېنس يىغىندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ ھىندى ۋە تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەسى بولغان «بىر يول، بىر بەلباغ» لايىھەسى دائىرىسىدە، تولىمۇ ئېنىقسىز قەرزلەرنى بېرىش ئويۇنىنى ئىشقا سىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

مايك پېنس: «خىتاي قەرز تەكلىپلىرى ئارقىلىق قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقان ئاساسىي قۇرۇلۇش لايىھەلىرى ئەمەلگە ئاشمايدىغان، ئىنتايىن سۈپەتسىز بىر لايىھەدۇر. بۇ لايىھە باشقا دۆلەتلەرنى قەرز پاتقىقىغا سۆرىمەكتە. قەرزگە بوغۇلۇپ، دۆلىتىڭلارنى ۋە مۇستەقىللىقڭلارنى خەۋپكە ئىتتىرمەڭلار، دۆلىتىڭلارنى قوغداڭلار» دېگەن ئىدى.

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بولسا: «بۇ لايىھە ھېچ كىشىنى ھۇجۇم نىشانى قىلمايدۇ ۋە ھېچ كىشىنى چەتكە قاقمايدۇ. بەزىلەر ئىلگىرى سۈرۈۋاتقاندەك باشقا دۆلەتلەرگە قۇرۇلغان تۇزاقمۇ ئەمەس» دېگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر