ترامپ: قاشىقجى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك لېنتىنى تىڭشاشنى خالىمىدىم

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز لېنتىلىرىنىڭ قوللىرىدا ئىكەنلكىىنى بىلدۈردى.

ترامپ: قاشىقجى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك لېنتىنى تىڭشاشنى خالىمىدىم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاۋاز لېنتىلىرىنىڭ قوللىرىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «لېنتىنى تىڭشاشنى خالىمىدىم. تولىمۇ زوراۋان، ۋەھشىي ۋە بەربات ئىدى» دېدى.

دونالد ترامپ فوكس خەۋەرلەر قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممىسىدا، قاشىقجىنىڭ 2 – ئۆكتەبىردە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا ئېلىنغان ئاۋاز لېنتىلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى، بۇ توغرىدا ئەتراپلىق مەلۇمات ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئاۋاز لېنتىسىغا «ئازابلىنىش لېنتىسى» دەپ باھا بەرگەن ترامپ، «لېنتىنى ئاڭلاشنى خالىمىدىم، ئاڭلاش ئۈچۈن بىرەر سەۋەبىممۇ يوق. تولىمۇ زوراۋان، ۋەھشىي ۋە بەربات ئىدى» دېدى.

سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزگەنلىكلىرىنى خاتىرىلىتىپ ئۆتكەن ترامپ، «بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر ئىتتىپاقدىشىمىز ۋە نۇرغۇن جەھەتلەردە ناھايىتى ياخشى بولغان ئىتتىپاقداشنى تاشلىۋېتىشنى خالىمايمەن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر