شىمالىي كورېيە ياپونىيەنى ئەيىبلىدى

ياپونىيە شىمالىي كورېيە ھۆكمىتىنىڭ 1970 يىلى ۋە 1980 – يىللىرى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە ھازىرمۇ شىمالىي كورېيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

1089473
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنى ئەيىبلىدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي كورېيەنىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان تىنچلىق كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى رى جوڭ خىيوك ياپونىيەنى ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئەيىبلىدى. 

كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، جەنۇبىي كورېيەنىڭ شىمالىدىكى گوياڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا كونفېرانسقا قاتنىشىش ئۈچۈن چارشەنبە كۈنىدىن بۇيان جەنۇبىي كورېيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رى جوڭ خىيوك، «ياپونىيەنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۆتمۈشتىكى گۇناھلىرىنى يېپىش ۋە جامائەتچىلىكنىپ پىكرىنى ئۆز خالىغان تەرەپكە يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن تارىخ كىتابلىرىنى قايتىدىن رەتكە سالماقتا» دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈردى. 

شىمالىي كورېيە مەسئۇلى رى جوڭ خىيوك «ياپونىيەنى 1910يىلىدىن- 1945 يىللىرىدىكى ئىشغالىيەتچى ھۆكۈمىتى دەۋرىدە ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ۋە باشقا بارلىق جىنايەتلىرى ئۈچۈن كەچۇرۇم سوراشقا چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.

رى جوڭ خىيوك ياپونىيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلغاندا كورېيەلىكلەرنى مەجبۇر ياپونىيەگە يۆتكىگەنلىكىنى تەپىسىلىي تەكشۈرۈپ كۆرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ، «ياپونىيە پۇقرالىرى شىمالىي كورېيە تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلدى» دېگەن سۆزلەرنى قىلىپ يۈرۈشكە خاتىمە بىرىشكە چاقىرىق قىلدى.

ياپونىيە شىمالىي كورېيە ھۆكمىتىنىڭ 1970 يىلى ۋە 1980يىللىرى تۇتۇپ كەتكەن ھەمدە ھازىرمۇ شىمالىي كورېيەدە تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ ھېسابىنى بېرىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر