قاشىقجى ئائىلىسى مەدىنىدە تەزىيە قوبۇل قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى ئۈچۈن، بۈگۈندىن تارتىپ مەدىنىدىكى ئۆيىدە تەزىيە قوبۇل قىلىنىدۇ.

1089031
قاشىقجى ئائىلىسى مەدىنىدە تەزىيە قوبۇل قىلىشنى باشلايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆلتۈرۈلگەن ژۇنالىستنىڭ ئوغلى سالاھ قاشىقجى ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «مەرھۇم جەمال قاشىقجى ئۈچۈن تەزىيەلەر جۈمە كۈنىدىن يەكشەنبە كۈنىگىچە مەدىنىدىكى ئۆيىدە قوبۇل قىلىنىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

قاشىقجى ئائىلىسىنىڭ تەزىيە توغرىسىدىكى باياناتى، سەئۇدى ئەرەبىستان باش تەپتىش مەھكىمىسى باياناتچىسى شەلئان ئەششەلئاننىڭ تۈنۈگۈن قاشىقجى جىنايىتى تەكشۈرۈشى توغرىسىدا پايتەخت رىيادتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈشىدىن كېيىنكى ۋاقىتقا توغرا كەلدى؛ باياناتچى شەلئان، 2 – ئۆكتەبىردە ئۆلتۈرۈلگەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ژۇرنالىست جەمال قاشىقجى جىنايىتىگە ئالاقىدار تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىپ، «قاشىقجىنىڭ جەسىتى، (سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇلدىكى) كونسۇلخانىسىدا پارچىلىنىپ سىرتقا چىقىرىلدى» دېگەنىدى.

قاشىقجىنى ئۆلتۈرۈش ئەترىتى قۇرۇش بۇيرۇقىنى سابىق دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى مۇئاۋىن باشلىقى ئەھمەد ئەلئەسىيرىنىڭ، ئۆلتۈرۈش بۇيرۇقىنى بولسا، ئەترەتنىڭ باشلىقىنىڭ چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن شەلئان، «قاشىقجىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋەقەسىدە 5 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش تەلەپ قىلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر