گېرمانىيەدە بىر تۈرك ياش بىراۋنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا، ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى

گېرمانىيەنىڭ فىرانكفورت شەھىرىدىكى پويىز ئىستانسىسىدا، تۆمۈر يولىغا يىقىلىپ چۈشكەن بىر كىشىنى قۇتقۇزماقچى بولغان 17 ياشلىق تۈركىيە پۇقراسى مۇستافا سۆزەن گەرچە ئۇ كىشىنى قۇتقۇزۇۋالغان بولسىمۇ، ئۆزى نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلدى.

گېرمانىيەدە بىر تۈرك ياش بىراۋنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش يولىدا، ئۆزىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيەنىڭ يەرلىك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، سەيشەنبە كۈنى ئاخشىمى يۈز بەرگەن ئېچىنىشلىق ۋەقەگە ئورۇن ئاجرىتىلدى.

فىرانفورتتا لابوراتورىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتقان مۇستافا سۆزەن ئۆيىگە قايتىش ئۈچۈن ئەستېندىستىراس پويىز ئىستانسىسىغا كىرگىنىدە، پويىز ساقلاش جەريانىدا بىر كىشىنىڭ پويىز يولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال پويىز يولىغا سەكرەپ چۈشۈپ ئۇ كىشىنى قۇتقۇزۇپ قالغان.

ساقچىلارنىڭ بايان قىلىشىچە، مۇستافا سۆزەن قۇتقۇزۇش ئەسناسىدا ئىستانسىغا كىرگەن پويىزدىن ئۆزىنى قاچۇرالمىغان ۋە نەخ مەيداندا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

تۈركىيەلىك ياش قۇتقۇزۇپ قالغان كىشىنىڭ بولسا، مەس ئىكەنلىكى ۋە قېنىدا %2.6 لىك كېسىلتا بايقالغانلىقى، قازادىنمۇ يارىدار بولماستىن قۇتقۇزۇپ قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ساقچىلار پويىز بېكىتىدە بىخەتەرلىك سىنئالغۇ ئاپىراتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئۇقتۇردى.

مۇستافا سۆزەننىڭ دادىسى ئەجدەر سۆزەن ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوغلىنىڭ باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئۆز ھاياتىغا پىسەنت قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەجدەر سۆزەن ئوغلىنىڭ پەرىشتىدەك بىر ئوغۇل ئىكەنلىكىنى ۋە ئۆزىنىڭ بولسا، ئەۋلادىدىن ئايرىلىپ قىلىشنىڭ قاتتىق ئازابىنى چېكىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. 

ئەجدەر سۆزەن ۋەقەدىن كېيىنكى ساقچىلارنىڭ پوزىتسىيەسىنى تەنقىد قىلىپ، «ساقچىلار بىزگە ئوغلۇمنىڭ جاسارىتىنى سىناپ باققان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. نېمىگە ئاساسلىنىپ شۇنداق دېيىىشدۇ؟ مېنىڭ ئوغلۇم لابوراتورىيە مۇتەخەسسىسى بولۇشنى خالايتتى. پەرىشتىدەك بىر ئوغۇل ئىدى» دېدى.

ئەجدەر سۆزەن ئوغلنىڭ مېيىتىنى ئۆز يۈرتى ئايدىننىڭ نازىلى ناھىيەسىدە يەرلىكىگە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر